باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

مېسسى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەت كوماندىلىرىدىكى توپ كىرگۈزۈش تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-30 17:02 10 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

30-ماي ئەتتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا 0:4 نەتىجە بىلەن ھايتىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە مېسسى ئۈچ توپ كىرگۈزدى. مېسسى بۇ ئۈچ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن كىرگۈزگەن توپ سانى 64كە يەتكەن بولۇپ، بىرازىلىيەنىڭ پېشقەدەم توپچىسى رونالدودىن ئېشىپ جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەت كوماندىلىرىدىكى توپ كىرگۈزۈش تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەت كوماندىلىرىدىكى توپ كىرگۈزۈش تىزىملىكىدە پېلى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 77 توپ كىرگۈزۈپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، رونالدو 62 توپ كىرگۈزۈپ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان رومارېئو 55 توپ، بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان باتىستۇتا 54 توپ، ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان نېيمار 53 توپ، يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان سۇئارېز 50 توپ كىرگۈزگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • k@ps!z2 ھەپتە ئىلگىرى

    چوڭ رونالدو بۇ ،، دەۋاتقىنى

  • گىگانىت چولپان رونالدو2 ھەپتە ئىلگىرى

    زىرەك شاھزادە سەن بىكا تۇرماي رونالدو ئانداق رونالدو مانداق دەپ ئىنكاس يازىدىكەنسەن قارىغاندا رونالدو بەك قالتىس بولغاچقا ھەم كۇلۇبىنى باشلاپ باشقا توپچىلار چۈشۈدىمۇ بولسا ئىرىششىنى بەك ئارزۇ قىلىدىقان دۇنيادىكى شان شەرەپىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان ئۇزغۇنلۇقتا جەمى بەش قىتىم ، ئالتۇن توپنى بەش قىتىم ، ئۇزغۇنلۇق ئالتۇن كەشىنى يەتتە قىتىم ئىلىپ باشقىلار بۇ ئومىرىدە يىتىپ بولالمايدىقان رىكورتىنى يارىتىپ قويغانغا ھەسەت ۋە ھەۋەس قىلىپ شۇنداق ئىنكاس يازامسەن ھىچ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن سىنى

  • 买买提。卡德2 ھەپتە ئىلگىرى

    ەرسمى مۇسابىقىدە ئاخمايدۇ دىگەنلە دۆلەت دىربىما رەسمى ئەمەسما شۇ چاغدا ئىچىڭلادىن قان كەتكەنتىغۇ

  • زېرەك شاھزادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    رونالدو دىگەن ئەمدى ئاقمايدۇ ئۇ قېرىدى ئاستا بىرە سانوتىرىيەدىن بىر كىشلىك ئۇرۇن زاكاس قىپ قويمىسا مىسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ۋاق ۋاق كىرگۈزگەن توپلىرىنى كۈرۈپ قان بېسىمى ئۆرلەپ ئۈلۈپ بىرىدۇ

  • RRCR7RR2 ھەپتە ئىلگىرى

    قارلۇق بارۇسلۇنا بەك قارا قۇساق كەنسەن ھازىر رۇنالدۇ پۈتۈن تۇپچىلار ئالدىدا بىرىنچى يەنى ھازىر ئۇيناتقانلار ئارىسىدا كەسپى ھاياتىنى ئاخۇرلاشتۇرغانلار ئارىسىدا بىر تۇپچىلا رۇنالدۇدىن ئارتۇ بىچارە بايقۇش باساغا سەندەك قارا قۇساقلا مەستانە بۇلىدىكەن دىسە سىنىڭ رەت تەرتىپ تىزسا نەلەدە قالىدۇ بىلەمسە دۈلەت كۇماندىسىدا

  • كىرىستىيانو 72 ھەپتە ئىلگىرى

    قارلۇق باسا دېگەن بىلمىگەندىكى زۇۋانىڭنى يىغىپ جىملا ئولتا . ئاۋۇ پېلى ئاكاڭنىڭ توپىمۇ رونالدونىڭ توپىغا يەتمەيدۇ. ھازىر توپ تېپىۋاتقان توپچىلار ئىچىدە دۆلەت كوماندىسى بىرىنجى مەرگىنى رونالدو شۇ بىلىۋال

  • ئالتۇن توپ ✋ ياۋروپا چىمپىيونلۇق ✋ ياۋروپا لوڭقىسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭدا قانچە مەيدان مۇسابىقە ئوينىغىنغا قارايمىزدە، كۈچلۈك كومادىلارغا توپ كىرگۈزگەن كىرگۈزمىگەنلىكمۇ بار تىخى، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ مەستالىرى بىلدىغۇ دەيمەن

  • مېسسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    مېسسى ھامان تىرشىدۇ مەيلى دوستلۇق مۇسابىقسى بولسۇن مەيلى ھەقىقى مۇسابىقە بولسۇن كۈرەلمەسلەر ئۈچۈن زەمبىرەك ئاتىدۇ ! مېسسىنى ئۇنداق بۇنداق دەۋاتقانلا مېسسى ئاققاندا يەنە بىر باھانە تېپىپ قويۇڭلا بڭممىسا قان قۇسۇپ يىقلىپ قېلىشسە !

  • قەلئە2 ھەپتە ئىلگىرى

    نېمار ھەممىسدىن ئېشقپ كېتىدۇ قاراپ تۇرۇڭلا

  • سايرام2 ھەپتە ئىلگىرى

    دوستلۇق مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپىمۇ ھىسابما؟ بۇ ئىنىقلا مېسسىنى ھاقارەت قىلغانلىق ۋۇھاھا ، بۇ يەردە رەسمىي مۇسابىقىدە ئاقمايدۇ دىمەكچىدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号