باش بەت

كىنوچى

3891يوللانما
215مەستانە

مېسسى: مەن تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ئەمەس

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-05 11:39 78 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 5-ماي تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى مېسسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا دۇنيا لوڭقىسىغا بولغان ئىستىكىنىڭ «مەپتۇنلۇق» دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق دېيىشنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنى بىرخىل مەپتۇن بولۇشقا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىسىز، چۈنكى بېسىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.»

ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ئاتالغۇسىغا قارىتا مۇنداق دېدى: «مەن بۇنداق قارىمايمەن، مەن پەقەت بىر پۇتبولچى. مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقە باشلانغان ھامان بىز ھەممىمىز ئوخشاش ھالەتكە ئۆتىمىز. مەن ئىزچىل ئۆزۈمدىن ئېشىشقا تىرىشىپ كەلدىم، ھەمىشە شۇنداق قىلدىم.»

ئۆزىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى توغرىسىدا: «تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ھەممىدىن مۇھىم، چۈنكى بىز كۇلۇبتا ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلدۇق، دۆلەت كوماندىسىغا قايتقاندىن كېيىن ۋاقىت ئۇنچە يېتەرلىك ئەمەس.»

«بىر كوللېكتىپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز چوقۇم تېخىمۇ كۈچلىنىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا فرانسىيە، گېرمانىيە، بىرازىلىيە ياكى ئىسپانىيە قاتارلىق كوماندىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىقى بار كوماندىغا ئايلىنىمىز. لېكىن، ئارگېنتىنا بوشاشمايدۇ، مەيلى قانداقلا بولسۇن بىز ھەمىشە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەرىمىزگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدۇق، بىز چوقۇم ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيمىز، مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • 梅老板101 ھەپتە ئىلگىرى

    بالا ۋاقتىڭدىن تارتىپ كۆرۈۋاتقان مەستانىمەن.سەن بىر رىۋايەت.سەن بىر تارىخ.m

  • 拉莫斯SR.41 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالام كۇماندىسى دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئاغزىمغا كەلدى دەپ جۆيلەۋەمە ئاڭلىدىڭما، سەن چىقماي كۆرگەن ئۇ ئاقماس تەنتەربىىلىرىڭنى سەندەك لەردىن باشقا بىر كۆمەىدۇ ئاڭلاپ كوي

  • جامالىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    رونالدو بىر ـــ مېنىڭ ئىنكاسىمدا رونالدونى چۈشۈرىدىغان سۆزنى پەقەت تاپالمىدىم ، قارىغاندا ھەرىپتىن بىرەر ئىككىسى قوشۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ ، مەن مىسسىنى ماختىسام سىزگە نىمىگە دەز كەتتى ، قارىغاندا يېقىندىن يۈز بەرگەن ئىشلار بەكلا ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ

  • رونالدور بىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    جامالىم دىگەن قىزچاق غ غا ت نى قۇشۇڭ

  • رونالدور بىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋىلىشقا ئىككى توپ ئۇرۇپ بىر ياردەمچى پاس بىرىپ ھەل قىلغۇشقا ئەكقرگەندە كۆزەڭگە تاتۋىلىشتىڭما

  • تىنىچلان نوكەمپۇ . كىرىستىيانو كەلدى !1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇمۇسنى بىلىدىكە ھەر ھالدا . ئالدىدا سىلودەك پۇتبوپ شاھى تۇرسا تىلى كۆيگەندۇ مەن ئەڭ قالتىس دىيىشتىن . سىلولا بولدىكەن سەن مەڭگۈ ئىككىنچى .

  • ئابدىقەيۇم1 ھەپتە ئىلگىرى

    سولەتۋاز يىگىت، دەپ ئىسىم قويۋاغانئاغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەمە ئ

  • ئىلىخو09991 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل مىسسى يەنىلا سەن ئىسىل،،، شۇڭا بىزسىنىڭ مەستانەڭ،،،،

  • Abdusalam511 ھەپتە ئىلگىرى

    说的对梅西,C罗第一,你第五

  • قارسۇ ئوغلانى1 ھەپتە ئىلگىرى

    توغرا دەپتۇ ،ئۆتمۈشتە پېلى بىلەن مارادونا ھازىر بوسا كىرستيانو روننالدو با شۇڭا بىرنچى بۇلاممايدغانلقى ئېنق تۇرسا ،مېسىىمۇ تەن ئېلىپ ئەمليەتكە ئاساسەن راس گەپ قىپتۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ما نۇر توردكى مەستانلىرى نىمشقا ئتراپ قىممايسلە ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号