باش بەت

شىرئەلى روزى

498يوللانما
59مەستانە

ۋان گوك سىزغان مەنزىرە رەسىمى پارىژدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-07 12:48 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

فىرانسىيە ئارتىكرىيال كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى گوللاندىيەلىك كېينكى تەسىراتىزىم رەسسامى ۋان گوك سىزغان بىر پارچە مەنزىرە رەسىمى پارىژدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا يەتتە مىليون ياۋروغا سېتىلغان.

ماتېرىيال سۈرەت: ۋان گوكنىڭ مەنزىرە ماي بوياق رەسىمى «قۇملۇقتا بېلىق تورىنى ياماۋاتقان ئاياللار»


خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ رەسىمنىڭ ئىسمى «قۇملۇقتا بېلىق تورىنى ياماۋاتقان ئاياللار» بولۇپ، 1882-يىلى سىزىلغان ئىكەن. بۇ رەسىمنى ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق بىر يىغىپ ساقلىغۇچى سېتىۋالغان، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش جەريانىدىكى كەسكىن رىقابەت بۇ رەسىمنىڭ ئاخىرقى باھاسىنى دەسلەپتە مۆلچەرلەنگەن 3مىليون ياۋرودىن 5 مىليون ياۋروغىچە بولغان باھادىن خېلىلا ئاشۇرىۋەتكەن.

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋان گوك گوللاندىيەدە سىزغان بۇ رەسىم بۇ قېتىملىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ۋان گوك مەنزىرە رەسىملىرىنىڭ باھاسى جەھەتتە دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ئىگەللىنىشىچە، ۋان گوك بۇ رەسىمنى رەسساملىق ھاياتىنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە سىزغان بولۇپ، بۇ رەسىمنى سىزغان چېغىدا ئۇ ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ئىكەن.

1882-يىلى سىزىلغان «قۇملۇقتا بېلىق تورىنى ياماۋاتقان ئاياللار» ناملىق بۇ رەسىمدە ھاۋا تۇتۇق بىر كۈنى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئاياللار تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئىجادىيەت ئىلھامى گوللاندىيە دېنخاگ ئەتراپىدىكى يېزىدىن كەلگەن. ئىگەللىنىشىچە، ۋان گوك ئىلگىرى بۇ يېزىدا بىر مەزگىل تۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىل دەل ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى پەقەت ۋان گوكنىڭ ئىككى-ئۈچ پارچە رەسىمىلا خەلقئارا بازاردا پەيدا بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号