باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

ئىككى ساقچى جېنىنى تىكىپ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ماشىنىدىن 73 ياشلىق بوۋاينى قۇتقۇزدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-07 21:47 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋستىرالىيەنىڭ كىۋېنسلاند(Queensland) ئىشتاتىدىكى ئىككى ساقچى خەتەرگە قارىماي لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ماشىنا ئىچىدىن 73 ياشلىق بىر بوۋاينى قۇتقۇزۇۋالغان.

نەق مەيداندا تارتىۋالغان سىن كۆرىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى ساقچى يانچىلاپ يەرگە چۈشۈپ كۆيۈۋاتقان ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

بۇ ئىككى ساقچى ئىسىمى جېرېمي گاردىئول(Jeremy Gardiol) ۋە كېۋىن مايو(Kevin Mayo)، ئۇلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ماشىنىغا ئوت كەتكەن بولۇپ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

بەزىلەر بۇ ئىككى ساقچى گەرچە باتۇرلۇق بىلەن بوۋاينى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ لېكىن ماشىنا تاسادىپىي پارتلاپ كەتسە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ساق قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سەل كەم ئەقىللىق قىلىپتۇ، دېيىشتى.

لېكىن بۇ ئىككى ساقچى ئۇلارنىڭ قارىشىغا رەددىيە بەردى: «بۇنداق ئەھۋالدا بىرىنچى بولۇپ كاللىغا كېلىدىغىنى شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ چىقىش، بوۋاي ئوت كەتكەن ماشىنىغا قاپسىلىپ قاپتۇ، بىز چوقۇم ئۇنى بىخەتەر جايغا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.»

كېۋىن: «بار كۈچىمىز بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىۋاتقان ۋاقتىمىزدا كاللىمىزغا بۇنچە كۆپ ئىشلار كەلمىدى، پەقەت بوۋاينى قۇتقۇزىۋېلىشنىلا ئويلىدۇق، ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا مەن ھەقىقەتەن بۇ يەردىن ئايرىلىش كېرەكمۇ يوق دېگەننى ئويلاپ قالدىم، كۆز ئالدىمغا ئۆيىدىكىلەر ۋە بالىلىرىم كەلدى، لېكىن يەنىلا داۋاملىق بوۋاينى قۇتقۇزۇپ چىقىشنى تاللىدىم، چۈنكى مۇشۇ بوۋايمۇ باشقىلارنىڭ ئاتىسى، بوۋىسى، يولدىشى ئەمەسمۇ» دېدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار بوۋاينى قۇتقۇزۇپ چىقىپ بىر مىنۇتتىن كېيىن ئوت پۈتۈن ماشىنىغا تۇتىشىپ پارتلاپ كەتكەن، بوۋاينىڭ باش قىسىمى ئازراق زەخمىلەنگەن، لېكىن سالامەتلىكىدە چوڭ چاتاق يوق.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈلجەتىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىسكەن بۇ ساقچىلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号