باش بەت

زىيارەت

2304يوللانما
39مەستانە

ئوسۇللىۋان جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشى مۇمكىن

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-11 16:00 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاراتقۇلارنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىنوك بىرلەشمىسىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئارام ئېلىشتىن ھوزۇرلىنىۋاتقان «راكېتا» ئوسۇللىۋان ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىر چوڭ خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئوسۇللىۋان جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىماقچى ئىكەن.

ئوسۇللىۋان ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەردىن دوست تۇتۇشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى يازغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى پۇقرالىق سالاھىيىتى تەستىقتىن ئۆتۈپ، مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىنى قولىغا ئالسىلا، ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى جۇڭگودا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تورداشلارنىڭ ئۇ تەرەپتە ئۆيىڭىز بارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتە ھەممە نەرسىسىنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئولتۇراقلىشىش ئوسۇللىۋاننىڭ جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى كۆرسىتەمدۇ ياكى چەت ئەللەردە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆزدە تۇتامدۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئوسۇللىۋاننىڭ بۇ خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، توردا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ھەم سوئال سوراشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۈلگۈردى. تۆۋەندە بىز بۇنى نەچچە تۈرگە بۆلۈپ قىسقارتىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق:

1.ئوسۇللىۋاننىڭ جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرگە ھەرگىزمۇ زىت ئەمەس بولۇپ، شەرتلەرگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان يەرلىرى بار، چۈنكى جۇڭگودا دىڭ جۈنخۇي ۋە لياڭ ۋېنبوغا ئوخشاش ياردەم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان ئىنى بۇرادەرلىرى بار، يەنە كېلىپ ئوسۇللىۋان جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ئۇزۇندىن بۇيان ئالاھىدە ھەۋەس قىلىدىغان، جۇڭگو تارىخى بىلەنمۇ پىششىق تونۇشىدىغان ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان.

2.ئوسۇللىۋان جۇڭگونىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تونۇش، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئامراق، ئەنگلىيەلىكلەرنى ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئۆلگۈدەك ئامراق دەپ قارايدىغان ئوسۇللىۋان جۇڭگونىڭ ئوزۇقلۇقنى ئاساس قىلغان يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادىتىنى ياقتۇرىدۇ، بۇمۇ ھەم ئوسۇللىۋاننىڭ كېسەل كارىۋىتىغا چۈشۈپ قالماي، 100 ياشقا كىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئارزۇسىغا يېتىشىگە پايدىلىق.

3.ئوسۇللىۋاننىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىش قارارى ھەرگىزمۇ قانداقتۇ مال-دۇنياغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمىغان، ئاساسەن چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھېسىيات سەۋەبلىك. ئوسۇللىۋاننىڭ جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشى سودا قىممىتى جەھەتتە ھېسابسىز بايلىققا ئىگە بولۇش دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش، چۈنكى جۇڭگودىكى سىنوك ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەم باي سىنوك ماھىرى دىڭ جۈنخۇي بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ، بەش نۆۋەت دۇنيا سىنوك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، دۇنيا سىنوك ساھەسىدىكى ئەڭ كۆپ 147 نومۇر ئالغۇچى ۋە ئەڭ تېز 147 نومۇر ئېلىشنى تاماملىغۇچى قاتارلىق رېكورتلارنى ساقلىغۇچى، سىنوك ساھەسىدىكى تالانت ئىگىسى بولغان ئوسۇللىۋان ئەگەر جۇڭگودا ئولتۇراقلاشسا كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ سىنوك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تۆھپە قوشالىشى مۇمكىن، چۈنكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوسۇللىۋاننى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا سىنوك مەستانىسى بولغان كىشىلەر ساناقسىز، ئەلۋەتتە شىنجاڭدىمۇ ئوسۇللىۋاننىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرىنىڭ بارلىقى كۆپچىلىككە سىر ئەمەس.

ئەلۋەتتە بۇنداق چوڭ ئىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن سىرت، يەنە بەزى پايدىسىز ئامىللىرىمۇ مەۋجۇت، ناۋادا ئوسۇللىۋان جۇڭگو پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشسە، ئۇنداقتا ئۇ دۆلىتىمىز قانۇنىغا ئاساسەن ئەنگلىيە پۇقراسى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، 42 يىل ياشاپ كەلگەن يۇرتىدىن ۋاز كېچىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ناۋادا «راكېتا» جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالسا، 70 مىليون سىنوك ھەۋەسكارى بار جۇڭگونىڭ سىنوك ساھەسىنى زىل-زىلىگە سېلىشتىن باشقا، يەنە بۇ ساننى شىددەت بىلەن كۆپەيتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوسۇللىۋاننىڭ تۇرمۇش ئادىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشى ئۈچۈن كەم دېگەندىمۇ 200 كۋادىرات مېتىردىن چوڭ تۇرالغۇ بولۇشى كېرەك، ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەرلەردە بۇنداق ئۆينى سېتىۋىلىش ئۈچۈن تۆت مىليوندىن تارتىپ 50 مىليون ئەتراپىدا خەلق پۇلى خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنى فوندستېرلىڭغا سۇندۇرساق ئالتە مىليونغا توغرا كېلىدۇ، كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى 10 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئاشىدىغان ئوسۇللىۋاننىڭ باشقا كىرىملىرىمۇ بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى ئورۇندا دەپ ھېسابلىساق خاتالاشمايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوسۇللىۋاننىڭ ھازىرقى سالاھيىتىنى ئويلاشقان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق چوڭ مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان سودىگەرلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە.

ئاخىرىدا بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى خۇلاسە قىلساق، ئادەتتە گەپنى كۆپ قىلىدىغان «راكېتا» بەلكىم ئەتە ئۇيقىدىن ئويغىنىپ بۈگۈن دېگەن بۇ گەپلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ياكى بۇ ئىشلار ئۈچۈن راستىنلا ئىرادە قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىنوك ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپاننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ھەققىدە بەرگەن ياخشى باھالىرى يەنىلا ئۇنىڭ جۇڭگودىكى تەسىر كۈچىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ahmat1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنىڭ باللىرىمۇ كەلگۇسىدە ئۇزىنى جۇڭگۇ پۇخراسى بۇلۇش سالاھىتىگە ئىگە قىلغان دادىسىغا رەھمەت ئېيتىدۇ كاللاڭ ئىشلاپتۇ بالا

  • سالامجان 8581 ھەپتە ئىلگىرى

    شىنجاڭ تۇرپانغىلا كىلە ئاداش

  • رونالدو، مىسسى ،سالاھ قالتس1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى بوپتۇ قارشى ئالمىز كەل راكتا ئەپەندىم

  • مارسلو1 ھەپتە ئىلگىرى

    ناھايىتى ياخشى خەۋەر كەن.قەتىي قارشى ئالىمىز.مەنمۇ بىليارت ئويناشنى
    ئىنتايىن ياقتۇرىمەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号