باش بەت

خەۋەرلەر

8101يوللانما
47مەستانە

ئەنگلىيەلىك ئايال ئىتلىرى ئۈچۈن ئېرى بىلەن ئاجراشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-11 19:42 9 ئىنكاس چۈشتى


ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى بىر ئايال ئىت بېقىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىتقا ئامراقلىقىدىن يولدىشىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ھەمدە 25 يىللىق توي تۇرمۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.

لىز بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يولدىشى مايك بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان، ئۇ ئىت بېقىشنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن، ھايۋانلارنى قوندۇرۇش سودىسىنى قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا تالىشىش ئىتى ئائىلىسى __ تالىشىش ئىتىنى قۇتقۇزۇپ بېقىۋالىدىغان بىر جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتىنى ئاچقان.

ئەمما لىزنىڭ ئىتلارغا ئاراملىقى ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن، مايك ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنداق تۇرمۇشتىن زېرىكىشكە باشلىغان، ھەمدە ئايالىدىن ئىت بىلەن ئۆزىدىن بىرنى تاللاشنى تەلەپ قىلغان، لىز قاتتىق ئويلاشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشىدىن ۋاز كچىپ، ئىت بېقىش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان.

لىز مۇنداق دېگەن: «مايك مېنى ئىت ۋە ئۆزىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى، ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغان، ئەگەر مەن ئىت بېقىش بېلەن ئالدىراش بولمىسام، ئۆيدە قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالماي گاڭگىراپ قالىدىكەنمەن، مېنىڭ ئىت بېقىشقا بولغان قىزىقىشىم مايكقا بولغان ھېسسىياتىمدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن»

ئىگىلىنىشىچە، نەچچە يىلدىن بۇيان لىز ياردەم قىلغان ئىتنىڭ سانى 200دىن ئاشقان، بايرام كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىتلىرىغا قاراپ تاپقان پۇلىنى بېقىۋالغان ئىتلىرىنىڭ خىراجىتىگە ئىشلەتكەن، مۇشۇنداق بولسىمۇ، لىز يەنىلا قەرزگە بۇغۇلغان.

لىز ئىجارە ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئۇنى بىر يىل ئىچىدە ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما لىز ناھايىتى تەمكىن ھالدا: «مەن نۇرغۇنلىغان ئىتلارغا يىڭى ئائىلە ئاتا قىلدىم، بۇ مېنىڭ تاللىشىم، مەن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن» دېگەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/06/11/035253839.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل 09981 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىتنى قۇچاقلاپ ياتا ئەمدى !
    ساراڭ خوتۇن

  • ساراڭ قۇش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئادەملەر بار دە

  • 小哈1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىزگە ئوخشاش بىلىملىك ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ھەر بىر ئىغىز سۆزىنى ئەستە ساقلىۋېلىش بىز ئۇچۇن شەرەپ.

  • غېرىپ دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    رەھمەت دوستۇم مەن شائىر ئەمەس ،
    شائىرلىققا قىلىمەن ھەۋەس.

  • 小哈1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۈشۈكنىڭ ئاچچىقى كەلسە چىشلەيدۇ.ئىتدىن قىلىشمايدۇ.

  • 小哈1 ھەپتە ئىلگىرى

    غېرىپ دىل شائىر كەنسىزغۇ .想象力强

  • Ahmat丶Kasim1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىپقىزىللىكەنغۇ بۇ ساراڭ

  • غېرىپ دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەۋزەل كۆرۈپ ئىتلارنى ،
    ئاجرىشىپتۇ ئېرىدىن .
    ئىبرەت ئېلىڭ دوسلۇرۇم ،
    غالجىر ساراڭ قېرىدىن.

    چىشلەپ باققان ئىتلىرى،
    ئالسا بىر كۈن جېنىنى.
    يالغۇزلۇقتا سېسىيدۇ،
    ئىتمۇ ئىچمەس قېنىنى.

  • قادى لەغمەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاقتى كەلگەندە ئىتنىڭ ساراڭلىغى تۇتۇپ. ئاۋۇ ئايالنىڭ. بىرە يىرى چىشلەپ قۇيسا. ئاندىن قايسىسى مۇھىملىقىنى بىلدۇ
    تەۋىسىيە ئېت باققاندىن مۈشۈك باققان ياخشى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号