باش بەت

خەۋەرلەر

8101يوللانما
47مەستانە

مەملىكەتلىك U18 ياشلىقلار ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسى چېمپىيون بولدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-11 19:20 3 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار U18 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تيەنجىن بېكىتى مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تيەنجىندە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ساھىل ۋالىبول ماھىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، U18، U21 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەييارە مۇسابىقىلىشىش تۈزۈلمىسىنى قوللىنىلىدىكەن، ھەر يىلى تۆت بېكەتتە، ھەر پەسىلدە بىر بېكەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەربىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىنىڭ تۆت بېكەت مۇسابىقىدىكى ئومۇمىي نەتىجىسى بويىچە تەرتىپكە تىزىلىدىكەن.

تيەنجىن بېكىتى بۇ يىللىق U18 ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ سەككىز ئۆلكىسىدىكى 17 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 18 ئاياللار كوماندىسىدىن 110 نەپەردىن ئارتۇق ماھىر ۋە تىرېنېرلار قاتناشتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/06/11/035253948.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلىز سەۋدا6 كۈن ئىلگىرى

    قىزلىرمىزمۇ يامەنكەن جۇمۇ…ئاپرىن

  • 哥~eSiL1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋىدىيو سىنى نەدىن كۆرمىز

  • ئەلىبەگ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا قىزلىېرمىز يىڭىپ چىمپىيونلۇقنى ئاپتۇ ئەمدى گەپ يىگىتلەدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号