باش بەت

زىيارەت

2304يوللانما
39مەستانە

زىدانى فرانسىيە تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-11 22:05 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە 2018-يىللىق فرانسىيە تېننىس توپ ئاشكارە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە، ئەرلەرنىڭ يەككە ئويناش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مەستانىسى ئىسپانىيەلىك نادال بىلەن چېلسى كوماندىسىنىڭ سادىق مەستانىسى ئاۋسترىيەلىك تېم چېمپىيونلۇق تالاشتى، بۇ مۇسابىقىدە رىقابەتلەشكەن ئىككى ماھىردىن باشقا، يەنە نەق مەيداندىكى بۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن داڭلىق شەخىسلەرمۇ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ داڭلىق شەخىسلەر ئىچىدە تېخى يېقىندا پۇتبول ساھەسىنى زىل-زىلىگە سېلىپ، تۇيۇقسىزلا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن زىدانىمۇ بار ئىدى، خانلىق مادرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ترېنېر ئازادە كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ، بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەر قايسى ساھەلەردىن كۆپلىگەن داڭلىق شەخىسلەرمۇ نەق مەيداندا كېلىپ، مۇسابىقە كەيپىياتىغا يېڭى ھۆسۈن قوشقان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • 科比ǒΣ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاياتتنىڭ پەيزىى شۇ تاكتىكا بىلىم بايلىق ھەي زىدانى ھە بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى مەستانىسى بۇنى زىدانى ئۇزى بىلىدۇ دە

  • 科比ǒΣ1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇڭا بۇ زىدانى تۇرسا ئالامەت توپچى ھەم مەشقاۋۇل بۇ

  • Zayer1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئائىلەڭدىكىلەرگە كۆپىرەك ھەمرا بولغىن .سىنى پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلىدۇ ؟ بۇلۇپمۇ غورورۇڭنى ...

  • كۈنلەرنىڭ بىرىدە…1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ ئەدەمزە ئىشنىڭ ئاخىرىنى بەك چىرايلىق چۈشۈردى قەدىرقىممەت بىلەن تازا
    ئىشقىپ قالتىس ئەدەمكەن بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号