باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت: مايۋەزېرنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 21:10 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «بىر بولكا يېتەرلىك چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇۋىقى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ». بۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن ھازىرقى بوكس ساھەسىدىكى ئەڭ باي بوكسچى مايۋەزېرنى ئىپادىلەشكە تامامەن بولىدۇ، چۈنكى مايۋەزېرنىڭ ئەتراپىدىلەرمۇ پۇلدار كىشىلەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بالا باققۇچى، خۇسۇسىي ئاشپەزلەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى. ئۇنىڭ كۈندە ئاشۇرۇپ قويغان تاماقلىرىنى بىر مەزگىل يىغقاندىمۇ نەچچە ماشىنا ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ، مايۋەزېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى «يامان»لىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەڭ ياخشى كەسپ تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى ھەممىدىن ياخشى ئورۇنغا ئېرىشكەن بولۇپ، مائاشى ئاغزىڭىزنى ئاچقۇزۇپلا قويىدۇ.

مايۋەزېر ۋە قوغدىغۇچىسى گرېگ

مايۋەزېر دۇنيادىكى ئەڭ باي بوكس شاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېنىدا چوقۇملا قوغدىغۇچىلار بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى كەسپىي ئەمەس بولۇپ، بەدىنىگە قارىساقلا ئۇنىڭ «قورقىتىش»قىلا پايدىسى بارلىقىنى بىلەلەيمىز. بەزىلىرى چېنىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى، يەنە بەزىلىرى ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرى، يەنە بەزىلىرى بولسا بودەكلىك كېسىلى بار بولغان 100 كىلوگىرامدىنمۇ ئېغىر چىقىدىغان كىشىلەر، بۇلارنىڭ كەسپىي قوغدىغۇچىلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مائاش تەمىناتى نۇرغۇن كەسپىي قوغدىغۇچىلاردىن ئۈستۈن.

مايۋەزېر ۋە قوغدىغۇچىسى گرېگ بىلەن مىك

مىك مايۋەزېرنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندىن بۇيان ئالاقە تورلىرىدا كاتتا ماشىنىسى ۋە شەخسىي ئايروپىلانىنى «كۆز-كۆز» قىلىشقا باشلىغان. مايۋەزېرنىڭ ئۈچ ئۇزۇن مەزگىللىك قوغدىغۇچىسىنىڭ يىللىق مائاشى 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ ئاشىدىكەن، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ باشقا كىرىمى ۋە «چاي پۇلى»مۇ قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمىنى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى دېسەكمۇ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق تەخمىنەن بىر مىليون 280 مىڭ يۈەن بولىدۇ، بۇمۇ كىشىنى چۆچىتىدىغان كىرىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە كاتتا ماشىنىلىرىمۇ بار.

مايۋەزېرنىڭ قوغدىغۇچىسى مىك بىلەن باردو

ئۇلار مايۋەزېرنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، مايۋەزېرنىڭ بۇ ئۈچ نەپەر قوغدىغۇچىسى دائىم ئالاقە تورىدا ئۆزلىرىنىڭ مايۋەزېر بىلەن بىرگە كەچۈرۈۋاتقان تۇرمۇشىنى ھەمبەھىرلەشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلاردا كاتتا ماشىنا، كاتتا داچىلار بار، ئايروپىلانلارنىمۇ كۆز-كۆز قىلىدۇ، خالىغانچە نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدۇ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.


بۇ قوغدىغۇچىلار كاتتا ماشىنىلىرىنى كۆز-كۆز قىلماقتا. بۇنىڭدىن مايۋەزېرنىڭ قوغدىغۇچىسى بولسىمۇ ئىنتايىن ياخشى تەمىناتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. لېكىن، بۇنچە ياخشى كەسپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىمۇ قابىلىيەت ۋە تەلەي بولۇشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەيىن شامال a6 كۈن ئىلگىرى

    ئوتكۇر بەك كەڭ قۇرساق دانا زاتكەنلا بىرە ئادەمنىڭ دۇمبىسىنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۇرۇپ باققانما،ھاھاھا

  • نىيويورك6 كۈن ئىلگىرى

    مايۋەزىر ئاقنانچىمىكەن ؟شۇنچە جاپا مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ،كەسپىي ھاياتىدا بىر مەيدان ئۇتتۇرماسلىق رېكورتى بىلەن بوكىس شاھى بولۇپ ئاتالدى.لېكىن بەزىلەر ئۇنى پۇلنى كۆز كۆز قىلىدۇ دەپ ئۇنىڭغا ئۆچ چىدىمايدۇ.ئۇنىڭ ھازىرقىدەك باياشات كۈنىنىڭ كەينىدە قانچىلىك جاپا مۇشەققەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەي.ئۇنى قالايمىقان ھاقارەتلەپ،ئاقنانچى دەپ قويىدۇ تېخى.مەن نېمە دېگەننى ئويلىمايدۇ.بىزدىكى بۇ كۆرەلمەسلىك ئىللەتلەر قاچانمۇ تۈزىلەر.

  • the Roh6 كۈن ئىلگىرى

    دۇنيا بوكىس شاھىنىڭ قوغدىغۇچىسى بامىكەن ھا ھا ھا ، ما خەۋەرگە قاچانغىچە كۈلەرمەن ئەمدى


    مۇھەممەد ئەلى نىڭ قوغدىغۇچىسى يوق ئىدى!

  • 齐天大圣6 كۈن ئىلگىرى

    مەن دەرۋازىۋەن بولاي

  • نازۇكئاي6 كۈن ئىلگىرى

    پۇل تاپقاندا جاپاسىنى تەڭ تاتىشىپ بەمىگەنكى ،خەق پۇلىسىنى قانداق خەجلىسە ئۈزىنىڭ ئىشى ،تىللايدىغانلار چوقۇم ئىچى تار ،ھەسەتخور ،چىدىماس كۆرەلمەسلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ،بىر ئادەم بولسىمۇ ياخشى كۈن كۆرسە نىمە بوپتۇ ،ھەيرانمەن مۇشتا كۈرەلمەسلەرگە ،،،،،

  • رەسسام6 كۈن ئىلگىرى

    ئاشۇنداق ئاقنانچىلارغا يىلىغا مىليون يۈەنلەپ پۇل بىرىپ خەشلىسە يەنە نەچچە يىل يىتەر پۇلى ، تايسېنمۇ تاپقان ئەينى ۋاقتا پۇلنى ، ھازىر تايىنى يوق روللارنى ئېلىپ ئاددىي تۇرمۇش كۆچىرىۋاتمامدۇ ...مىنىڭچە ئۇنچە ئىسراپخورلۇق قىلىش پەقەت توغرا ئەمەس

  • ئۆتكۈر كۆز6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئاقنانچى سولتەك بىرەر كۈنى بىر مۇشىت بىلەن يەرگە موللاقلا ئاتسا ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بۇ تەتۇر ئۇستغان مەخلۇقلارمۇ پۇلىغا ئامراق مايماقلارمۇ باشقا مالاي چاكارلارمۇ دۇمبىسىنى ئارقىغا قىلىپ كىتىپ قالىدۇ قاراپ تۇرۇڭلار

  • ئۇدۇن09036 كۈن ئىلگىرى

    داڭلىق بوكىسچىنىڭما قوغدىغۇچىسما بامىكەن توۋا

  • alamat*世界6 كۈن ئىلگىرى

    قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەمەس مايۋەزىرنىڭ مەزمونغا دىققەت قىلايلى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号