باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

«گىگانت تاش» جونسون دورىغان بۇ ئوبرازلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا باشقىچە قارايسىز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 19:10 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھوللىۋودتىكى «جىگەرلىك ئەزىمەت»لەرنىڭ ۋەكىلى دىۋايىن جونسون يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»، «ئالاھىدە ئەترەت 2» (特种部队2:全面反击)... قاتارلىق كىنولارنى ئىشلەپ ئىنتايىن كېلىشكەن ئوبرازىنى ياراتتى، كۆرۈرمەنلەرگىمۇ جىگەرلىك ھالىتىنى كۆرسىتىپ قويدى. «گىگانت تاش» جونسون ئەسلىدىلا ئەركىن بوكسچى بولۇپ، چېنىقىشقا ئۆزىنى ئاتىغان، ئۇنىڭ بەدىنىنى مۇكەممەل دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن، سىز بوي ئېگىزلىكى 1.95 مېتىر، ئېغىرلىقى 118 كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ ئەركەكنىڭ بەزى كارتون رەسىم، ئويۇن ئوبرازلىرىنى دوراشقا ئامراقلىقىنى بىلەمسىز؟

ئەمەلىيەتتە، قارىماققا ئىنتايىن سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان جونسون ئادەتتە ئىنتايىن يۇمۇرىستىك بولۇپ، ئىلگىرى كۆپلىگەن ئوبرازلارنى دوراپ باققان. ئەسلىدىلا ئارتىسلىق قىلىۋاتقان ھەمدە بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن جونسوننىڭ مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئوبرازلاردىنمۇ ياخشى ئۈنۈم پەيدا بولغان بولۇپ، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى دەل يېشىل گىگانت ئادەم، گەرچە ئۇنىڭ كالتە ئىشتىنى كېسىپ قويغان پادىچىلار ئىشتىنىغا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، چاچ پاسونىمۇ كىشىنى «ئوي»غا سېلىپ قويسىمۇ، لېكىن بۇنى ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى يېشىل گىگانت ئادەم دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

جونسون يەنە كۈچتۈڭگۈر ماتروسنىمۇ دوراپ باققان، لېكىن دوپپىسى بىلەن كىيىمى جونسوننى سەل «ئوڭايسىز»لاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، تەن چەكمىسى ئۇنى باشقا ئوبرازغا ئوخشىتىپ قويغان. لېكىن قاراشقا جونسون كۈچتۈڭگۈر ماتروسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ، ھەتتا چىراي ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن يۇمۇرىستىك، بۇنىڭدىن جونسوننىڭ ئادەتتە ئىنتايىن يۇمۇرىستىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئۇ بۇ يىلقى MTV كىنو مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «ئەسەبىي ماكس» (疯狂的麦克斯)دىكى ئوبرازنى دورىغان بولۇپ، بۇ كىيىملەر بىلەن مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ ھەممىنى جەلپ قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك تۇرقى كىشىلەرنى «ئەسلىدە جونسون مۇنداق ئادەمكەن ئەمەسمۇ؟!» دېگۈزگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كىچىك ئۆمۈچۈك6 كۈن ئىلگىرى

    شوخلۇق قىلىپ قويغان يىرى، ئامراق مەن جونسونغا ياشاپ كەت بۇرادەر .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号