باش بەت

دەۋران

857يوللانما
81مەستانە

​بېن ئافلەك ئەمدى «شەپەرەڭ پالۋان» كىنوسىدا رول ئالماسلىقى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 17:18 6 ئىنكاس چۈشتى

سىنا مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېن ئافلەك Matthew George Reeves رېژىسسورلۇق قىلغان «شەپەرەڭ پالۋان» كىنوسىدا رول ئالماسلىقى مۇمكىن.

«Deadline»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى «شەپەرەڭ پالۋان» كىنوسىدا باشقا ئارتىس شەپەرەڭ پالۋاننىڭ رولىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا DC تاماشاسىنىڭ باش ئىجادىيەت ئەمەلدارى Geoff Johnsمۇ كەلگۈسىدە DC تاماشاسىدىن چېكىنىپ، ۋارنېر ئاكا-ئۇكىلار شىركىتىنىڭ باشقا بۆلۈمىدە يېڭى خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

لېكىن Geoff Johns ھازىرچە داۋاملىق ھالدا DC تاماشاسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بىلمىدۇق، بېن ئافلەك بولمىغان «شەپەرەڭ پالۋان» كىنوسىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەمدۇ-يوق؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • kirstiyan6 كۈن ئىلگىرى

    شەپەرەڭ پالۋاننىڭ كىنولىرى بەك ئاز يەنە ئىشلىنىشى كىرەك يەنە كىلىپ بىن ئافلەك رول ئالمىسا باشقا ئارتىس ئالسا بۇرۇنقى ئېغىر بېسىق ئەقىللىق كىلىشكەن شەپەرەڭ پالۋان ئوبرازى خۈنۈكلەشتۈرۋېتىدۇ

  • Co ol6 كۈن ئىلگىرى

    ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا بەك ئالدىراپ كەتتىچا، ئالدىرىماي ئۆز ئۇسلۇبىدا مېڭىپ پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ھەققانىيەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان بولسا بولاتتى،
    بېن ياراتقان شەپەرەڭ پالۋان ئوبرازى سالماق، تۈرگۈن، رەھبەر ھەم ھەقىقىي پالۋانغا چۇشلۇق سالاپىتى بار ئىدى، بۆرتۈپ چىكقان ئىككى، ئۈچ باشلىق مۇسكۇللىرى ھەقىقىي پالۋاننى كۆز ئالدىمىزغا ئەكىلەتتى، ئەمدى قايسىسى رول ئالا، كۆنۈشكە ۋاقىت كېتىدۇدە ھەي،،،،،،

  • stef6 كۈن ئىلگىرى

    شەپەرەڭ پالۋان خاسىيەتلىك ئادەم دېگەنلەر.DC نىڭ كوزۇرى مېنىڭچە ئۇلارياخشىسىنى تاللىيالايدۇ.

  • ياسىن جان6 كۈن ئىلگىرى

    جىن زىدەن چىقامىش دەپ ئاڭلايمەنيا

  • كاپىتان مارۋىل6 كۈن ئىلگىرى

    بېن سەل قىرىپ قالدى شۇڭا ياشراق بىرە ئارتىس تاللىسا بۇلۇدۇ شەپەرەڭ پالۋاننىڭ كىنوسىدىن شەخسىز ئاز دىگەندىمۇ 3 بۈلۈم ئىشلىمىسە قاملاشمايدۇ ئۇنىڭغا ۋاقىت كىدۇ يەنە ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغۇ قانتىشىدىغان ئىش

  • كىچىك ئۆمۈچۈك6 كۈن ئىلگىرى

    بېن ئافىلەك شەپەرەڭ پالۋاننىڭ رولىنى ئالمىسا باشقا ئارتىسلار قاملاشمايدۇ ،لىكىن بىر گەپنى دىگۈم كەلدى DC نىڭ ئادەم نۇسخىلىق فىلىمىدىن DC كارتۇنلىرىنى بەك پىچەت ئىشلەيدىكە .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号