باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

ئالىملار: ھەر بىر ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى %7 تىن تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ

مەنبە:جۇڭگو گېزىتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 20:21 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 1939-يىلىدىن كېيىن بىر ھازا ئۆرلەپ 1975-يىلى تۇغۇلغانلاردىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرغا قەدەر ھەر بىر ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى %7 تىن تۆۋەنلەپ ماڭغان.

نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو (Oslo) شەھىرىدىكى راگنار فىرىچ ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى (Ragnar Frisch Centre for Economic Research)دىكى ئولېر روگبۇرگ ۋە بوئېنت بۇلاسبۇرگ نورۋېگىيەدىكى 730 مىڭ ئەرنىڭ ئۆلچەملىك ئەقىل بۆلۈنمىسى سىناق نومۇرىنى ئانالىز قىلغان. بۇ ئەرلەر 1970-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈپ باققان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئاتىلىرىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئەقىل بۆلۈنمىسىدىن تۆۋەن چىققان.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىدا ئۆزگىرىش بولغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن، لېكىن باشقا سەۋەبمۇ بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى ئازلاپ ھەممەيلەننىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بولۇپ كېتىشىمۇ بىر سەۋەب.

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرستېتىدىكى پىسخىلوگ تۇرت رىچ: «بۇ ھازىرغا قەدەر تېپىلغان كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان دەلىل-ئىسپات، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئوخشاش دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا بۇ خىل ئوخشىماسلىق ۋە پەرق سىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ، بۇمۇ ھەم كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ» دېدى.

ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئالىملار داۋاملىق بېلىق گۆشى يەپ بېرىشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بار، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ دېگەن. ئامېرىكا ئالىملىرى توققۇز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 500 بالىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىر ئايدا قانچە قېتىم بېلىق يېگەنلىكىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان. نەتىجىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم بېلىق گۆشى ئىستېمال قىلغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى بېلىق گۆشى يېمىگەن بالىلارنىڭكىدىن 4.8 نومۇر يۇقىرى بولغان، بېلىق گۆشىنى ئانچە-مۇنچە ئىستېمال قىلىپ قويىدىغانلارنىڭمۇ بېلىق گۆشى يېمەيدىغانلاردىن 3.3 نومۇر يۇقىرى بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ziltar1236 كۈن ئىلگىرى

    نىمىش بوپ كەتتى بۇ كىيىنكى باللىرمىز دۇۋەڭ بوپ كېتەمدۇ ئەمدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号