باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

ئەينى ۋاقىتتىكى شياڭگاڭ ساھىبجاماللىرىنىڭ مودا تۇرقىنى كۆرۈپ باقايلى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-13 11:13 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭدىكى خېلى كۆپ چولپانلار چوڭ قۇرۇقلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن: يۇەن يوڭيى، لىن چىڭشيا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىلارغا قاتناشتى. ئۇلار 80-، 90-يىللاردا شياڭگاڭدا قاتتىق داڭق قازانغان بولۇپ، گۈزەللىكىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، بىز شۇ بىر ئەۋلاد چولپانلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياسىنىشى ۋە كىيىنىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، كىم ئەڭ گۈزەل؟

يۈەن يوڭيى ئۇچىسىغا كۈلرەڭلىك تۈگمىسى بار كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، ئىچىگە ئاق رەڭلىك مايكا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇزۇن بۈدۈرە چاچلىرى بىلەن تولىمۇ جەزبىدارلىشىپ كەتكەنىدى.

لىن چىڭشيا ئۇچىسىدىكى ھالرەڭلىك كەڭرى يەڭلىك كوپتىغا قېنىق رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى ماسلاشتۇرۇپ، چېچىنى ئېگىزدىن بىر تال بوغىۋالغان بولۇپ، كىشىگە كىچىك قىزلاردەك تۇيغۇ بېرەتتى.

لى روتوڭ ئۇچىسىغا ئاسما پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىغا چاچ قىسقۇچ تاقاپ، ئىنتايىن شوخ ۋە ئوماق قىياپىتىنى نامايەن قىلغانىدى.

چيۇ شۇجېن ئۇچىسىغا بوينى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، رەتلىك كېسىلگەن ماڭلاي چېچى مۈرىسىدىن ئۆتۈپ تۇرغاچقا، كىشىگە بىر خىل نازىنىن قىزلاردەك تۇيغۇ بېرەتتى.

ۋېڭ مېيلىڭ، ئۇچىسىغا كۈلرەڭلىك پوپايكا ۋە قارا رەڭلىك V ياقىلىق مايكىنى كىيىۋالغان بولۇپ، بۈدۈرە قىسقا چېچى بىلەن كامېراغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندىكى تۇرقى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى.

ماۋ شۇنيۈن ئۇچىسىدىكى كاستيۇم چاپانغا سېرىق رەڭلىك كوپتا ۋە قارا رەڭلىك كاستيۇم ئىشتان ماسلاشتۇرغان بولۇپ، جوۋ رۇنفا بىلەن لياڭ چاۋۋېينىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى كىچىك قىزچاققىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

چېن يۈليەن ئۇچىسىغا ھالرەڭلىك تىۋىتلىق مايكا كىيىپ، بۈدۈرە چېچى بىلەن ناز-كەرەشمىلىك بولۇپ كەتكەنىدى.

يې يۈنيى ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كۆينەكنى كىيىپ، يەنە ئۇنىڭغا يېشىل رەڭلىك پاختىلىق چاپان ۋە پايپاقنى ماسلاشتۇرۇپ، چېچىنى ئوڭشاتقىنىچە كامېراغا يېقىملىق قارىغانىدى.

زېڭ خۇاچيەننىڭ ئۇچىسىدىكى ئوچۇق سېرىق رەڭلىك پادىچىلار چاپىنىغا سۇس رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەكشى كېسىلگەن ماڭلاي چاچ چۈشۈرۈپ، چېچېنى ئېگىزدىن بوغىۋالغاندىكى تۇرقى تولىمۇ ئوماق ئىدى.

ۋاڭ زۇشيەن ئۇچىسىدىكى ئاسما كۆينەككە ئېگىز ياقىلىق مايكىنى ماسلاشتۇرۇپ، لاتاپەتلىكىنى نامايەن قىلغانىدى.

ليۇ جيالىڭ ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك ئۇزۇن پاسونلۇق كاستيۇم چاپان ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ، ئوماق شىلەپىسى بىلەن بۆلەكچىلا شوخلىشىپ كەتكەنىدى.

لەن جيېيىڭ ئۇچىسىدىكى يېشىل رەڭلىك پەلتوغا گۈللۈك كوپتىنى ۋە ماش رەڭلىك راھەت ئىشتان ماسلاشتۇرغان بولۇپ، بۈدۈرە چاچلىرى بىلەن تېخىمۇ جەزبىدارلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ زېڭ جىۋېينى «جىنسىي پاراكەندىچىلىك» سالدى دەپ ئەيىبلەش ئۈچۈن، قايتىدىن جامائەتنىڭ ئالدىدا نامايەن بولغاندا، گەرچە شۇ ۋاقىتلاردىكى سۆلىتى قالمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا جەزبىدارلىقىنى ساقلاپ قالغانىدى.

ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىچە ئۇسلۇبتىكى راھەت كىيىملەرنى كىيگەندەك قىلاتتى. ھازىر قارايدىغان بولساقمۇ ھېلىھەم مودىدىن قالمىدى. ئۇنداقتا، سىزنىڭچە كىم ئەڭ چىرايلىق؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • فىروزە5 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى ئوخشاشلا گۈزەل،ھەرگۈلنىڭ ھەرگۈلدىن پەرقى بار،ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە خاس پۇرىقى بار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号