باش بەت

زىيارەت

2304يوللانما
39مەستانە

ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلى دەرىجىسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 سىنوك ماھىرى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 23:02 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تاراتقۇلار 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، سىنوك بىرلەشمىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن 10 نەپەر سىنوك ماھىرىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ياش سىنوك ماھىرى يەن بىڭتاۋ 56-ئورۇندىن 23-ئورۇنغا ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ باھالاشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەككە مۇسابىقە پەسلىدە بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئوسۇللىۋان 14-ئورۇندىن 2-ئورۇنغا ئۆرلەپ بۇ تىزىملىكتە سەككىزىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

1-يەن بىڭتاۋ (56-ئورۇندىن 23-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 33

كەسپىي ساھەگە قەدەم قويغىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان يەن بىڭتاۋ ئاللىقاچان دۇنيا سىنوك ساھەسىدىكى ئۈمىدلىك ياش ماھىرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا 18 ياشقا توشمىغان يەن بىڭتاۋ ئىرېلاندىيە سىنوك مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋىليامىسقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئوسۇللىۋان ئۇزۇندىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن رېكورتنى بۇزۇشقا ئەڭ يېقىنلاشقان ماھىرغا ئايلانغان، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئالدىنقى 16 ماھىر ئىچىگە كىرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالماقتا.

2-لىسوۋسكى (54-ئورۇندىن 26-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 28

2010-يىلى كەسپىي سىنوك ماھىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان لىسوۋسكى نۆۋەتتە سىنوك ساھەسىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا، بۇ مۇسابىقە پەسلىنىمۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق بىر مۇسابىقە پەسلى دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇ، گەرچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش سانى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما مۇقىم ئىپادىسى بىلەن يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

3-لى خاڭ (58-ئورۇندىن 36-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 22

بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنى لى خاڭنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق مۇسابىقە پەسلى دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن رەت تەرتىپ مۇسابىقىلىرىدە 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىرىپ باقمىغان لى خاڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە سەككىز كۈچلۈك ۋە تۆت كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالالىدى، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىپادىسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 27 ياشقا كىرگەن بۇ ماھىرنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتى يەنىلا كۆپ.

4-گاري ۋېلسون (57-ئورۇندىن 40-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 17

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تۆت قېتىملىق رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈككە كىرىش، بىر قېتىملىق رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىرىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋېلسوننى ئۇتۇقلۇق بىر مۇسابىقە پەسلىنى كۈتۈۋالدى دىيىشكە بولىدۇ.

5-كرىس ۋاكېلىن (63-ئورۇندىن 48-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 15

ئىككى قېتىملىق رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈككە كىرىش، بەش قېتىملىق رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە 32 كۈچلۈككە كىرىشتەك نەتىجىلەر ۋاكېلىننى تۇنجى قېتىم 48-ئورۇنغا چىقاردى.

6-شياۋ گودوڭ (39-ئورۇندىن 25-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 14

بۇ رەت تەرتىپتىن ئورۇن ئالغان ئۈچ جۇڭگولۇق ماھىرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى نەچچە مۇسابىقە پەسلى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان شياۋ گودوڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۆزىنى بىر قۇر ئوڭشاپ ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى، «كىچىك زەمبىرەك» ئاللېن، «پىرخون» خىگنىسلارنى شاللاشقا ئوخشاش نەتىجىلەر بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

7-ۋافاي (59-ئورۇندىن 45-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 14

يېقىندىن بۇيان ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان ماھىرنىڭ ئورنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش بولماقتا.

8-ئوسۇللىۋان (14-ئورۇندىن 2-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 12

42 ياشقا كىرگەن ئوسۇللىۋان بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بەش تۈرلۈك رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، سىنوك ماھىرلىرى ئىچىدە ھېچكىم رەقىبى بولۇشنى خالىمايدىغان بۇ ماھىر ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىش بىھاجەت، «راكېتا» دېگەن سۆز ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ.

9-مارك ۋىليامىس (15-ئورۇندىن 3-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 12

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بۇ «ئالتۇن سول قول»نىڭ بۇنچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىنى بەلكىم ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئوسۇللىۋان بىلەن تەڭتۈش بۇ ماھىرنىڭ قالتىس ئىپادىسى ياشلىق پەسلىنى بېسىپ چۈشتى دېسەك بەلكىم خاتالاشمايمىز، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 750 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، چۈنكى مۇكاپات سوممىسى ئەڭ تۆۋەن تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان سىنوك تۈرىدە بۇنچە مۇكاپاتقا ئېرىشىش كۆپلىگەن ماھىرلارنىڭمۇ قولىدىن كېلىشى ناتايىن.

10-لۇكا برېكېل (27-ئورۇندىن 15-ئورۇنغا ئۆرلىگەن) ئۆرلىگەن دەرىجىسى 12

ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو سىنوك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىچىك بودەك مورفىينى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ مۇسابىقە تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ماھىرغا ئايلاندى، بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا مۈرىسى يارىلىنىش ۋە توپ تايىقىنىڭ يۈتۈپ كېتىشى سەۋەبلىك نەتىجىسى تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما 23 ياشلىق بۇ بېلگىيەلىك ماھىرنىڭ سىنوك ساھەسىدىكى كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号