باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

شىرغا 20 مىنۇت تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن تارتىۋېلىنغان ۋەھىمىلىك سۈرەت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-06-13 00:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى 1888-يىلى نەشىر قىلىشقا باشلانغان، ھازىرغا قەدەر 130 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى، بۇ ساھەدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە. «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى ھەر يىلدا 12 سان نەشىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئورگان تورىدا بىر مۇقىم قانال بار بولۇپ، ھەر كۈنى ئەڭ نەپىس سۈرەتلەرنى چىقىرىپ تۇرىدۇ، بىز بۇلار ئارىسىدىن يەتتە پارچە تاللاپ نۇرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

يۇقارقى سۈرەتتە ۋىيېتناملىق موماي چىغ قالپاق ياسىماقتا، چىغ قالپاق ۋىيېتناملىقلارنىڭ مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇمى.

بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى. خۇدسۇن قولتۇقى بۆرىسى گېرمانىيە بىرېمېندىكى بۆرىلەر توپى پاناھ جايىنى يۇرتىنى سېغىنىپ قاتتىق ھۇۋلىماقتا.

ياپونىيەلىك فوتوگراف تاكاشى خاناي (Takashi Hanai) فىلىپپىندىكى سېبۇ ئارىلى ئاسمىنىدىن بۇ پارچە سۈرەتنى تارتىۋالغان، مەزكۇر ئارال فىلىپپىندىكى نوپۇس ئەڭ زىچ مەركەزلەشكەن جاي.

بىر ئانا ئېيىق ئىسپانىيەدىكى كابارسېنو (Cabarceno) ھايۋاناتلار باغچىسىدا بالا ئېيىق بىلەن ئويناشماقتا.

تود (Todd B) ئىسىملىك فوتوگراف ئىتالىيەدىكى مەلۇم بىر تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بۇ نەپس تەبىئەت مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، ئەينى چاغدا تود ئىككى سائەت پىيادە مېڭىپ تاغ چوققىسىغا چىققان.

تىم برايىن ئىسىملىك فوتوگراف تانزانىيەدىكى سېرىنگاتى دۆلەتلىك باغچىسىدا بۇ شىر بىلەن 20 مىنۇت تىكىلىپ قاراشقان، ئاخىرىدا بۇ خەتەر ھىدى قويۇق بولغان سۈرەت بارلىققا كەلگەن. تىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ شىر ئۇنىڭغا 20 مىنۇت تىكىلىپ قاراپ تۇرغان. سېرىنگاتى دۆلەتلىك باغچىسى شىرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاناھ جايى، بۇ يەردە 2500 دىن ئارتۇق شىر بار.

بۇ تاغقا يامىشىش ئەترىتى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پونتاراي (Pontarai) قارلىق تېغىغا ياماشماقتا، بۇ قارلىق تاغ دېڭىز يۈزىدىن 1219 مېتىر ئېگىزلىكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号