باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

دۇنيا لوڭقىسىدا «سىياسىيون توپ مەستانىلىرى» يارقىن نۇقتا بولۇپ قالىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-06-13 18:31 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى باشلىنىدىغانغا بىر كۈن ۋاقىت قالدى، تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ كاتتا يىغىلىشتا بىر قىسىم دۆلەت سىياسىيونلىرىمۇ ئادەتتىكى توپ مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تۆۋەندە بىز بىر قىسىم «سىياسىيون توپ مەستانىلىرى»نى كۆرۈپ باقايلى (سۈرەتتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل.)

شۇ جاي ۋاقتى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا رۇستېنبۇرگ (Rustenburg) دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئامېرىكا VS گانا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كېلىنتون بىلەن داڭلىق ناخشىچى مىك جاگېر (Mick Jagger) مۇسابىقە كۆرگىلى نەق مەيدانغا كەلدى، لېكىن ئامېرىكا كوماندىسى گانا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى.

شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋون دېلانې (von Delane) تېلېۋىزوردىن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى.

فىرانسىيە ئېلىسې قەسىرى، فىرانسىيە سابىق زۇڭتۇڭى ھوللاند 2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى فىرانسىيە 0:2 نەتىجىدە نىگېرىيەنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىنى كۆردى. پوگبا توپ كىرگۈزگەندە ئۇ ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ۋاشىنگتون، ئوباما ئاق سارايدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆردى، شۇنداقلا ئىجىمائىي ئالاقە تورىدا ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ، ئارگېنتىنا 0:1 بېلگىيە، بېلگىيە باش ۋەزىرى دى رۇپو (Di Rupo) نەق مەيدانغا مۇسابىقە كۆرگىلى كەلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، موسكۋا، رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن سىلوۋېنىيە زۇڭلىسى پاھور (Pahor) بىلەن بىللە دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى كۆردى.

2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ، ئىسپانىيە 0:1 گوللاندىيە. شۇ چاغدىكى ئىسپانىيە ۋەلىئەھدى فىلىپ (ھازىر ئىسپانىيە پادىشاھى) ئايالى لەتىزىيا بىلەن مۇسابىقە كۆرگىلى نەق مەيدانغا باردى.

2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى كولۇمبىيە 1:2 كوتىدىۋا. كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆردى.

2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، كوستارىكا 0:0 ئېنگلاند. خاررى شاھزادە نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆردى. قارىغاندا ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئۇنى رازى قىلالمىغاندەك تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خال5 كۈن ئىلگىرى

    پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت قىزغىن سۆيىدىغان ئىككى نەرسە بار بىرى سەنئەت يەنە بىرى دەل ⚽

  • YURTUM 1275 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ گىرمانىيەدىكى مىركىل دىگەن ئايال، ھەممە ئادەمگە بىر خىل ئىللىق تەسىر بىرىدۇ، ئىسىل ئايالكەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号